«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «مۇسۇلمان ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا چاپان يېپىشتىن نومۇس قىلمامدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 20‏-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى قوغدىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

يېقىندا 22 غەرب دۆلىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەر» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ھەقىقىي تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا رۇسىيە، پاكىستان، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلەشمە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەرىكىتى» نى قوللايدىغانلىقى، خىتايدىكى «بارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە «مەزكۇر بايانات بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەشكە كەلگەندە ئۆزىنى دىنىي ئېتىقادنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ كەلگەن پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاياسىزلارچە تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېيىلگەن.

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھادىسە ئەگەر شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ يەر شارى خىرىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، خەلقئارا ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ماقالىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىرىسى ئەمەلگە ئاشسا، «دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئۇنىڭ جىنايىتىگە يول قويىدىغان بىر يەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ماقالىدە يەنە نۆۋەتتە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ تارىخى كۆلىمىگە سوئال قويۇش باسقۇچىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، ئۆزىنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئايرىم لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى، رايوندىكى قالغان 13 مىليون مۇسۇلماننىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە مالايسىيا، تۈركىيەدەك بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، 22 غەرب دۆلىتىنىڭ مەكتۇپىغا ئىمزا قويۇش جاسارىتىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكى، ئەگەر ئامېرىكا بۇ قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەنقىد قىلسا، بەلكىم ئۇلارنىڭ بۇ جاسارەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت