سام بروۋنبەك: «مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ئاۋاز چىقارمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك 10-ئىيۇن كۈنى كاتولىك خەۋەر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق زۇلۇملىرىغا قارىتا ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سام بروۋنبەك سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن بىردىن-بىر مۇسۇلمان دۆلىتى-تۈركىيەنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، «تۈركىيە ۋە بەزى غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلدى،» دېگەن.

سام بروۋنبەك سۆزىدە يەنە بەزى ئىسلام ئەللىرى ئەگەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنكاس بىلدۈرگەندە ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سەتچىلىكلىرىنىڭمۇ چۇۋۇلۇپ چىقىپ تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقىنى ‹بىز باشقىلارنىڭ بىزنى ئەيىبلىشىنى خالىمايمىز، شۇڭا بىزمۇ باشقىلارنى تەنقىد قىلىش ئىستىكىدە بولمايمىز› دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان ئۆتكەندە خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سام بروۋنبەك بۇ ھەقتىمۇ سۆز قىلىپ، «ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتىنى توختاتمىسا، بۇ خىل سىستېما خىتاي دۆلىتىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ كېڭىيىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى باشقا مۇستەبىت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ئۈلگە بولۇپ بېرىدۇ،» دېگەن.

10-ئىيۇن كۈنى سام بروۋنبەك «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى مەسىلىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان ھەمدە مۇنداق دېگەن: «مەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە ئىزچىل تەھدىت سېلىپ كەلدى، بۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن، بىراق ئۇلار خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقلىرىغا يول قويسا بولمايدۇ، بولمىسا خىتايدا تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.»

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا دىپلوماتلىرى دىققەت-ئېتىبارىنى كۆپرەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت