خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنى بېسىم ۋە پۇل بىلەن سېتىۋالماقتا

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۆزىنىڭ 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولىغانلىق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقماسلىقى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 8 ‏-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مارتنىڭ بېشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ئېلىپ بارغان ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىگە قارشى بايانات ئېلان قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 10 نەچچە دىپلوماتىنى ئەۋەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 57 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىككى كۈنلۈك يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا ياخشى قاراۋاتىدۇ» دەپ مەدھىيەلىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر زور دىپلوماتىك غەلىبە بولۇپ ھېسابلانسا، خىتاينىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بىر ساتقۇنلۇقتۇر. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور كاندىداتى پاتىمە ئابدۇلغاپۇرنى زىيارەت قىلغىنىدا، پاتىمە: «ئۇلار ئۆزىنىڭ روھىنى، ئىمانىنى پۇلغا ساتىدۇ. ئۇلار مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقىنىنى بىلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن بىردىن-بىر مۇسۇلمان دۆلەت تۈركىيە بولۇپ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭلى بۇ ۋەجىدىن تۈركىيەگە تەھدىت سېلىپ، «ئۆزىنىڭ دوستىنى ھەممە يەردە ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىش ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئەيىبلەشنى توختاتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى سۇسلاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت