«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 9‏-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتايدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر لاگېرلارغا قامالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، چەتئەل تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ مۇسۇلمان تۈركىي خەلق-ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 10 دەن بىر قىسمىنى سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان لاگېر ۋە كارخانىلارغا قامىغانلىقىنى ئاشكارىلاشقا مۇۋەپپەق بولغان. «خىتاينىڭ مۇسۇلمان گۇلاگلىرى مەسىلىسىدىكى سۈكۈت» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ئاشان تارۇر قەلەمگە ئالغان. ئۇ ماقالىسىدە رويتېرسنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدە يەنە بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت خىتاي تىلى، ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش ۋە قانۇن تونۇشى مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندىلا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئەسلىھەلەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا قۇرغان، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدىغان كونترول ئاپپاراتىنىڭ پارچىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن. ئۇ، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەتلەر پەلەستىن، كەشمىر، روھىنگا مەسىلىلىرىدە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئالدىرىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ئېرەنسىزلىك قىلىپ، بەكمۇ چاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىشان تارۇرنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېھتىياتچان دۆلەت باشلىقى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئىكەن. ماقالىدە پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، لېكىن ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنى تەنقىدلەپ، «خىتاي ئاخبارات ئىغۋالىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى» دەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئىجابىي قاراشتا بولۇشىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىستىبداتلىقنىڭ مەلۇم رولى بار ئىكەن. مەزكۇر ماقالە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە بۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2-ماقالىدۇر. مەزكۇر گېزىت 8‏-يانۋار كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى تېزرەك ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت