ئىسلام ئەللىرى خىتايغا «يانتاياق» بولۇشنى توختىتىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

12-ئىيۇل كۈنى رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەت ب د ت غا بىر ئىمزالىق خەت يوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانىدى. ھالبۇكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھالغا قارىتا ئەيىبلەشلىرى توختاپ قالمىغان.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ھالەتتە، 37 دۆلەتنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاينىڭ «دېپىنى» چېلىپ بەرگەنلىك ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە «يەرشارى سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ دىرېكتورى ئەزەم ئىبراھىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «مەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ماختاپ خەت يازغانلىقىدىن بەكلا ھەيران قالدىم. مۇشۇنداق بىر مەسىلىگە كەلگەندە ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىش ياكى ئىمزا قويۇشتىن ۋاز كېچىش باشقا بىر ئەھۋال. ھالبۇكى بىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاش ئۇ باشقا بىر ئەھۋال،» دېگەن.

ئوخشاش كۈندە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» تورىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا 14 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭمۇ خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويۇشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈن بىر مۇھىم سىناق ھېسابلىنىدىكەن. يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان سىستېمىلىق خورلاشلارنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىش-قىلماسلىقىدىن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم 37 دۆلەتنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى پەردازلىماقتا. بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتايغا قارشى چاقىرىقتا بولۇشنىڭ ئورنىغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ‹تەتۈر› تەشۋىقاتىغا قوشۇلۇپ كەتتى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت