مۇسۇلمان ئەللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىلماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي قىرغىنچىلىققا تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىزچىل سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللاپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا سۇپچىنا تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئەرەب دۇنياسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە باشلىدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا ئاۋاز چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

جېرمىي گولدكورن ئىمزاسىدا يېزىلغان مەزكۇر ماقالە سۇپچىنا تورىنىڭ 5-ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ باشلانمىسىدا ئاپتور ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان ئىككى سىن فىلىم ھەققىدە قىسقىچە توختالغان. بۇنىڭ بىرى بېرجوۋ خەتتاب ئىسىملىك بىرىنىڭ 27-ماي يۇۋتۇب (يوۇتۇبە) قانىلىغا چىقارغان ئەرەبچە «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نەگە يوقاپ كەتتى؟» تېمىسىدىكى 15 مىنۇتلۇق ۋىدىيوسىنىڭ توردا 750 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەنلىكى؛ يەنە بىرى يېقىندا قەشقەرنى زىيارەت قىلغان بىرىنىڭ شەخسىي بىلوگىغا چىقارغان ۋە ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈلگەن «ناماز ئوقۇش بۇ شەھەردە چەكلەنگەن» ناملىق ۋىدىيوسىنىڭ 420 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەنلىكىدۇر.

ئامېرىكادىكى لويالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە تەتقىقاتچىسى رايىن سام مەزكۇر ئىككى ۋىدىيوغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «مېنىڭچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ۋىدىيولارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ‹ئەل-جەزىرە› نىڭ ئەرەبچە قانىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈكۈتى ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەر بېرىلدى. تۈركىيەدىمۇ ھەم شۇنداق، ئەمما ئىئوردانىيەدە ئۇنچە كۆپ ئىنكاس يوق،» دېگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرىدا خىتاي تىلىدىن دەرس ئۆتكەن، كېيىن قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ لاگېردا كۆرگەن قاباھەتلىك ئەھۋاللارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ يېقىندا ئائىلىسى بويىچە شىۋىتسىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە يەنە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى مۇتەخەسسىسى دونالد كلاركنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرىغا بەرگەن باھاسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلىك ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جېرمىي گولدكورننىڭ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قوغان يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تاشقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىپ، ھازىرغىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت