فەرىدە دىيەف: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى» دەپ تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باشلىقى فەرىدە دىيەف «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئۇ 21-مارت كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە «خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداشتا قولدىن كەتكەن پۇرسەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەبۇ-زەبىدە ئېچىلغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 46-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى» ھەققىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇم شۇنداقلا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر بولغانلىقىنى، ئەمما ئەبۇ-زەبىدىكى بۇ يىغىن ئەھلىنىڭ بولسا بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ھەتتا خىتايغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دېگەن.

دەرۋەقە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 5 بابلىق قارارنامەسىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن ئىدى.

فەرىدە دىيەف خانىم ماقالىسىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئالقىشلاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە ئىنتايىن خەتەرلىك بىر سىگنال بەرگەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئىپادە قىلىشىنى جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كەسكىن قەدەم تاشلاپ، خىتاينى سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قىستايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر سىناق ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدى. ئەمدى باشقا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت