خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا تاللانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق» مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا تاللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29‏-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشىنى 2014‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ھەيئەتلەر يىغىنى 26‏-ئاۋغۇست كۈنى چېخىيە پايتەختى پراگادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، شۇنداقلا مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىئالوگنى ئالغا سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2019‏-يىللىق «ۋاسلاۋ-خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا كېڭىشى سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپاتقا 3 نامزاتنى تاللىغان.

قالغان ئىككى نامزاتلىققا تاجىكىستانلىق ئادۋوكات بۇزۈرمېھرى ياروۋ بىلەن بالقاندىكى بىر ياشلار تىنچلىق تەشكىلاتى تاللانغان. «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئىلھام توختى بۇ يىل نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىردىن-بىر مۇكاپات ئەمەس. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ يىل 49 ياشلىق ئىلھام توختىنى «تېررورلۇقنى قوللىغان بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇ، ئالاقىدار ئورگانلارنى «ئىلھام توختىنىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىشقا، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان، ئۇنىڭ قىلمىشى خەلقئارا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە نامزاتلىققا تاللاندى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئېرىشكۈچىسى فرانسىيەنىڭ سراتبورگ شەھىرىدە 30‏-سېنتەبىر كۈنى، يەنى خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت