خىتاي، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى رەھبىرى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مارگارېت بائۇز خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مارگارېت بائۇز خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللىشى سەۋەب بولغان.

ئەسلى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ دىجىتال كومىتېتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى ئىدى. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارگارېت بائۇز خانىم دىجىتال كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

مارگارېت بائۇز خانىم ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان. ئۇ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى، باستۇرۇشقا ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. 

مارگارېت بائۇز خانىمنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گېرمانىيە پارلامېنتىدا سۆزلەشتىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئۇ، خىتاي تەرەپ ئۆزىگە نېمە ئۈچۈن ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى سەۋەب بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ دىجىتال كومىتېتىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغىمۇ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ يىل 9‏-ئايدا بېيجىڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانى بار ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت