«يېرۇسالېم پوچتىسى»: «ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«يېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 1-سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا «ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تەتقىقاتچى ھايسام ھاسسانېين يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى بىر سادا چىقارماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭغا بىرىنچىدىن، بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىمۇ دىكتاتور بولغاچقا، ئۇلار خىتايغا ئوخشاشلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، دەيدىغان ئورتاق قاراشنى ياقىلايدىكەن. يەنە بىرى، يېقىندىن بۇيان ئەرەب دۇنياسىدا تېررورلۇق بىلەن سىياسىي ئىسلامنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش كۆرۈلگەنلىكتىن ۋە بۇ ھاكىمىيەتلەر ئۆزىمۇ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدىكى بۇ ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق كەيپىياتىدا بولغان.

بۇندىن باشقا يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق مەيداندا تۇرۇشىغا يەنە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» قارمىقىدا ۋەدە قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلەش بىلەن بىرگە، «خىتاي بەك قۇدرەتلىك، بەك كۈچلۈك، شىنجاڭنى دەپ ئۆزىمىزگە ئىش تېرىساق بولمايدۇ» دەيدىغان كۆز قاراشنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ھېكايىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيەتنى كۆپرەك ئاڭلىتىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىشى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بۇ ھەقتىكى ئاڭ ۋە چۈشىنىشنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت