داغىستانلىق بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىلىك مۇسۇلمان بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى رەت قىلغان.

«بەدلېفت خۇك» ناملىق تەنتەربىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چىمپىيونى ئەسلى كېلەر يىلى 1‏-فېۋرال كۈنى خىتاي بوكسچىسى مېڭ فەنلوڭ بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈشى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن، ئاقىۋەتتە ئارتۇر بېتېربايېف خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى خالىمىغان. خەۋەردە ئامېرىكالىق بوكس مۇلاھىزىچىسى گەبى ئوپېنھېيىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئارتۇر بېتېربايېف ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنداشلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئېغىر جىنايەت» دەپ ھېسابلىغان. 

خەۋەردە، بېتېربيېفنىڭ پىكىرىنى ئۆزگەرتىشىگە «خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنى ساختا، دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ياردىمى بولمىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى ئىنىستىتۇتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر نەچچە يۈز بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ھۆججەتلەر «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى» دەپ قارالغان ئىدى.

ئارتۇر بېتېربايېف گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل، يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىسدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن يەنە بىر ئاتاغلىق تەنتەربىيە چولپىنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەسئۇت ئۆزىل بىلەن سونىي ۋىللىئامىسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى خورلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا دائىر ھۆجججەت ۋە دوكلاتلارنى «ساختا‏ خەۋەر» دەپ رەت قىلىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت