چېن چۈەنگونىڭ زىيالىيلار يىغىنى ئېچىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي كومپارتىيەسى خەۋەر تورى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 20-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق زىيالىيلار سۆھبەت يىغىنى» غا قاتناشقان ھەمدە ئۇزۇن سۆز قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو زىيالىيلارنى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» قا چاقىرغان. شۇنىڭدەك زىيالىيلارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى «دۆلەتنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشتەك بىر قاتار ئۇلۇغۋار ئىشلاردا باشلامچى بولۇش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىدىن نەچچە يۈز كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانىدى. ئەمدىلىكتە چېن چۇەنگونىڭ ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنى توپلىۋېلىپ بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئېچىشىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ھەسەن «بۇ ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش ھېلىسىنى قايتىدىن بازارغا سېلىشىدۇر. ئۇلار ھازىرچە لاگېرغا ئەۋەتىلمىگەن ھەمدە لاگېرلاردا تەربىيەلىنىپ چىققان مۇشۇ ئازغىنە زىيالىيلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىگە يەتمەكچى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت