بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدىكى يەرلىك بالۇجىلارنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى‏-بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي بالۇجىستاندا قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

باياناتتا، بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ «مەجىد برىگادىسى» ناملىق ئالاھىدە قىسىم تەشكىل قىلغانلىقى، يېقىندا گۋارداردىكى «مەرۋايىت» مېھمانخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى بۇ قىسىمنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

11‏-ماي كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدا گۋادار پورت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان خىتايلار نىشان قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 8 ئادەم ئۆلگەنىدى. «ۋېمىئو» ناملىق توردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بالۇجىستانغا رۇخسەتسىز كېلىپ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنى قوللىدى. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ يېزىلىرىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا ياردەملەشتى. لېكىن ئەمدى بىزنىڭ ۋاقتىمىز كەلدى. . . . . . . . . بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بالۇجىلار زېمىنىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بالۇجىستان، سېنىڭ كېڭەيمىچى ھەرىكىتىڭنىڭ گۆرى بولۇپ قالىدۇ. . . . . . . . . مەجىد برىگادىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى قۇرۇلۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىگە نىشانلىق ھۇجۇم قىلىدۇ».

بالۇجىستان، خىتاينىڭ قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ دېڭىزغا چىقىدىغان ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن بالۇجىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 50 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقان. لېكىن، بۇ قۇرۇلۇش يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنىڭدەك يەنە بالۇجىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بالۇجىستان تەشكىلاتلىرى بۇ قۇرۇلۇشتا بالۇج خەلقىنىڭ مەنپەئەتى قۇربان قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ بايلىقى تالان-تاراج قىلىنىپ، مۇھىتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۇجۇم نىشانىنى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىشچى ۋە ئىنژېنېرلىرىغا قاراتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت