«ئاۋسترالىيە مۇسۇلمانلار ۋاقتى تورى» مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

4‏-ئىيۇل كۈنى «ئاۋسترالىيە مۇسۇلمانلار ۋاقتى تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

ئاپتور داۋۇت باتلېر «خىتاي مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ خالىس نىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ئىسلامىي ئىبادىتى چەكلىنىپ، بۇ رايوننىڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئىسلامسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇلارنى كومپارتىيەنىلا مەدھىلەيدىغان «شاتۇتىلار» دەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامىلىپ، مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقى، «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلىك بايلىقلارنى خەنزۇلارنىڭ ئىلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، كەڭ كۆلەملىك «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاش، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش، دىنىي زاتلارنى تۈرمىگە تاشلاش ياكى ئۆلتۈرۈش، غەيرىي مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادى جەھەتتىن چەتكە قېقىش ۋە خىتايلاشتۇرۇشتەك بۇ قىلمىشلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسپانىيەگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگىچە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار زېمىنىدىكى تەسىرىنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر ھەر نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنلىرىدا ۋە يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا تىۋىش چاقارماسلىقى، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاينى قوللىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت