نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: «ياۋروپا شىركەتلىرى ‹خىتاينىڭ ئوچۇق تۈرمىسى› دىن زور پايدىغا ئېرىشمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مېركاتور ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېنجامىن خائاس 22‏-ئاۋغۇست كۈنى «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سالغان ياۋروپا شىركەتلىرىنى كونترول قىلىشقا چاقىردى. بېنجامىن خائاسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرھال قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ماقالىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ يىغىۋېلىشى لاگېرلىرىدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنىڭ قايسى ئورگانلارغا پايدا يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، مەھسۇلاتى ۋە تېخنىكىسىنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلىپ، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەرنى جازالاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. بېنجامىن خائاس «ياۋروپا شىركەتلىرى ‹خىتاينىڭ ئوچۇق تۈرمىسى›دىن زور پايدىغا ئېرىشمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ 150 شىركەتنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونى بىلەن مەلۇم شەكىلدىكى سودا مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. 

ماقالىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە زىمىنىس شىركىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ئېلېكترونلۇق پەن-تېخنىكا گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر ساقچى يۇمتالىنى ياساپ چىققانلىقى، بۇ يۇمتال نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بېنجامىن خائاسنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىسىمۇ، لېكىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ سىياسىي ئىختىلاپنى، دەپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت