كورلالىق ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن مەمەت ھەمدۇلنىڭ 15 يىل كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2017-يىلى ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان كورلالىق ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن مەمەت ھەمدۇلنىڭ 15 يىل كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەمەت ھەمدۇل كورلالىق ئاتاقلىق تىجارەتچى، «شىنجاڭ روزى ھاجى چەكلىك شىركىتى» ۋە «كورلا چىلانباغ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ لىدىرى روزى ھاجى ھەمدۇلنىڭ ئىنىسى بولۇپ، رادىيومىز ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدا 43 ياشلىق روزى ھاجى ھەمدۇلنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. لېكىن مەمەت ھەمدۇلنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ 4‏-يانۋار ئاشكارىلىشىچە، 37 ياشلىق مەمەت ھەمدۇل 15 يىل كېسىلگەن. خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنى روزى ھاجى ھەمدۇل بىلەن مەمەت ھەمدۇلنىڭ تۈركىيەدىكى كىچىك ئىنىسى ئۆمەرجان ھەمدۇلنىڭ تەمىنلىگەنلىكى ياكى بۇ ئۇچۇرغا «زىمىستان» تورىنىڭ ئۆزى ئېرىشكەنلىكى ئېنىق تەكىتلەنمىگەن.

ئۆمەرجان ھەمدۇل ئۆتكەن يىلى رادىيومىزغا چوڭ ئاكىسى روزى ھاجى ھەمدۇلنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇچۇرنى بۇرۇن ئاكىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن بىر خىتاينىڭ تەمىنلىگەنلىكى، لېكىن كىچىك ئاكىسى مەمەت ھەمدۇلنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان ھەمدۇلنىڭ ئاكىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017‏-يىلى ئۆكتەبىردىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغان. «زىمىستان» تورى بۇ ئۇچۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى»، يەنى CGTN دە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان مەزگىلدە ئېلان قىلدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، روزى ھاجى ھەمدۇل بىلەن مەمەت ھەمدۇلغا دائىر دەلىللەر خىتاينىڭ «ھەممە ئۇيغۇر ئۆيىدە خاتىرجەم ياشىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «#تېخىچە ئۇيغۇر يوق» ناملىق ھەرىكەت قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت