«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى» دىن تۇغۇلغان شۈبھىلەر

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى، بەزى گېزىت ۋە تور بەتلەردە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى» نى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ستاتىستىكىسى. 2012-يىلى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ستاتىستىكىسى. 2012-يىلى.
www.yarp.net.cn

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھازىرغىچە بايقالغان 36 مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 27058 نەپەر، خىتايلارنىڭ 2337 نەپەر، تۇڭگانلارنىڭ 1315 نەپەر، قالغان ساننى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گەرچە بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى بولسىمۇ، مەزكۇر ستاتىستىكا كىشىلەردە شۈبھە ۋە نەپرەت پەيدا قىلغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بولسا بۇ سانغا گۇمان بىلەن قاراشتىن سىرت، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كەمسىتىش، يەنىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكىتى، دەپ قارىماقتا.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى» ناملىق ستاتىستىكىلىق خەۋەر «يارپ» زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا كۆچۈرۈپ چاپلانغان. خەۋەرگە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا پەرققە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىققا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىمۇ بولمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك» دېگەندەك كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان ئىزاھاتلار يېزىلغان.

بۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بەرگەن تور بەت ساھىبى ئەخمەت قۇربان ئەپەندى: بۇ جۈملىلەر تور بەت خادىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بولسا: مەيلى بۇ سانلىق مەلۇمات راست ياكى يالغان بولسۇن، ئەمەلىيەت شۇكى ئۇيغۇرلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەيدىزگە ئوخشاش مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانداشلارنىڭ تارقىلىشنى توسمايلا قالماي، ئەكسىچە يەنىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى ۋە ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ئەسلى بار بولغان دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاقىدىن ئىبارەت بۇ خىل ۋابالارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئەڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈپ تۈگەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ نېگىزنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزلۈكىدىن ئويغانمىغۇچە خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىسى يەنىمۇ ئېغىرلاپ بارىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت