ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: مىللىتىمىز ئۇچراۋاتقان ئەيدىز تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 36 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ 27058 نەپىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئەيدىز بىمارلىرى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ستاتىستىكىسى. 2012-يىلى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ستاتىستىكىسى. 2012-يىلى.
www.yarp.net.cn

ئادەتتە ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيەتتىكى ئەيدىزلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى چىقىرىشتا، مەلۇم بولغان ئەيدىزلەر سانىنى ئالتە ھەسسىلەش ئارقىلىق تەخمىنلەشكە بولىدۇ دېگەن فورمۇلىغا تايىنىدۇ. ئەيدىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىنكاس قىلغاندەك، خىتاينىڭ تەدبىرلىرى توسۇپ قالالمايۋاتقان، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيش-ئىشرەت يامرىغان، ئەخلاق كرىزىسىغا يۈزلىنىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بۇ ۋابادىن قانداق قىلىپ ساقلاپ قالىدۇ؟ نېمىگە تايىنىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك كۆڭۈل بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. چەتئەللەردىكى بەزى زىيالىيلار، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەيدىزگە قارشى روھىنى ئويغىتىشتا زىيالىيلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشى زۆرۈر، دەپ چاقىرىق قىلماقتا.

كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ قارىشىچە، ئىنسان ئۈچۈن روھىي ئامىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىدىكى خاس مىللىي روھنى يوقاتقاندا ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا جىسمانىي، سىياسىي ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ تەنقىدىگە تاقابىل تۇرۇشتا روھىي جەھەتتىن مۇستەھكەم بولىدىكەن مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتىن ئويغىتىش بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلار ھەر تەرەپتىن مىللەتنى ئۆزىنى قوغداشقا ئويغىتىش، بولۇپمۇ قەلەمكەشلەر بۇ جەھەتتە مەسئۇلىيىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ھەممە بىرلىكتە مىللەت روھىنى قۇتقۇزۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيىدىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركەز رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ساندىن ئىنتايىن چۆچۈگەنلىكىنى ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە مەيلى خىتاي بۇ ساننى كۆپتۈردى دېگەن تەقدىردىمۇ ئەيدىزنىڭ يالغۇز بىر بولسىمۇ ئاز سانىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەھدىت بولۇۋاتقان نىجىس كېسەللىك دەپ قارايدىغانلىقى، ئەپسۇس چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى، گەرچە ھازىرغىچە بۇ تېمىدا مەخسۇس ۋە ئورتاق ھەرىكەتكە كېلەلمىگەن بولسىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ جەھەتتە مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇشلۇق قەلەمكەشلەردىن كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقىتىش سىياسەتلىرى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە قەلەمكەشلەرنىڭ ئەيدىز توغرۇلۇق خەلقىنى ئويغىتىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى، بۇ شارائىتتا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنى قوغداش ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا بولسا «ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىن، ئۆز ئائىلىسىدىن باشلاپ ئۆزىنى، قوغداش ئەخلاقىنى،كىملىكى، مىللىي ۋە ئىنسانىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەك» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت