شۋېتسىيىدە قازاقىستانلىق توي رىياسەتچىسى ئوقۇغان «ئۇيغۇرۇم» ناملىق شېئىر توي قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا سالدى

شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تويلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان بولسا توي مەزمۇنى تېخىمۇ موللىشىپ، تويدا ئورۇندىلىدىغان پروگراممىلارنىڭ شەكلى بارغانچە رەڭگارەڭ تۈس ئالماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ،  24 ‏- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 24 ‏- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بېزىلەر ھەتتا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مەخسۇس توي رىياسەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، توي كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرماقتا.

بۇ قېتىم ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن تويغا قازاقىستاندىن تونۇلغان توي رىياسەتچىسىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغان بولۇپ، توي رىياسەتچىلىكى ئۇيغۇر، رۇس ۋە شىۋېت تىللىرىدا تەڭ ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر تىلىدا رىياسەتچىلىك ئېلىپ بارغان باتۇر ئەپەندىنىڭ قىزىقارلىق سۆزلىرى ۋە قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوقۇغان شېئىرلىرى توينىڭ كەيپىياتىغا ئۆزگىچە تۈس بەردى.

بىز تويدا ئوقۇلغان شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، تويدىن كېيىن باتۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. باتۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى «ئۇيغۇرۇم» دېگەن شېئىرى بىلەن باشلىدى.

توي رىياسەتچىلىكى ئۇيغۇر توي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، توينىڭ تەرتىپلىك، قىزىقارلىق ۋە تەربىيىۋى مەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان توي رىياسەتچىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، يۇرت-يۇرت، مەھەللە-مەھەلىلەردە توي رىياسەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە توي رىياسەتچىلىكىنى بىلىملىك، قىزىقچى، نۇتقى ياخشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ئۆتەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت