تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە ئۇنىڭ چىقىش سەۋەبى

ياۋروپا خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىئان دىنى قاراڭغۇلۇق ئەسىرلەردە دىن ئادەملىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئىلاھىي تېكىستلەرگە ئارىستوتىلغا ئوخشىغان ئەينى ۋاقىتتىكى پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيىلىرى ئىلاھىي تېكىست سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا پوپلار ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلارمۇ ئىلاھىي تېكىست تۈسىنى ئالغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«دىن ۋە ھايات 2000سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ياۋروپادا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىكى كائىنات ۋە جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشى توغرىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلىماتلارنىڭ ئىلىم-پەن ئالىملىرى كەشىپ قىلغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن زىت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن ئالىملىرى بىلەن چېركاۋلار ئوتتۇرىسىدا تارىختىكى مەشھۇر توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى چېركاۋ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. بىراق، ئاخىرقى غەلىبە ئىلىم-پەن ئالىملىرىغا مەنسۇپ بولدى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا «دىن ئىلىم-پەنگە قارشى» دەيدىغان ئۇقۇم ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى. شۇنداقلا، ئىلىم-پەن ئالىملىرىمۇ چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دىننىڭ تەلىماتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ھەر قانداق بىر قاراشنى، ئۇنىڭ ئىلمىيلىقى ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماستىنلا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى چېركاۋلارغا زەربە بېرىشتە ئۆزلىرى ئۈچۈن قورال قىلىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەندى.

ئىلىم-پەن ئالىملىرى چېركاۋلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، فرانسىيىدە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى بىلەن سانائەت ئىنقىلابىمۇ غەلىبىگە ئېرىشكەن، كىشىلەر ئارىسىدا ‹دىن-ئىلىم-پەن بىلەن زىتلىشىدۇ› دېگەن قاراش كۆككە كۆتۈرۈلگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دارۋىن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېركاۋنىڭ ‹ئىنسان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن تۆرەلگەن› دېگەن تەلىماتىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ خرىستىئان چېركاۋلىرىغا زەربە بېرىشتە زور كۈچكە ئىگە قورالىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن ئىلىم-پەن ئالىملىرى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى خۇددى تەۋرەنمەس ئىلمىي ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر تەنقىدنى-گەرچە ئىلمىي تەنقىد بولسىمۇ، دىنىي غەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دەپ قاراپ قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. مانا شۇنىڭدىن بىرى بۇ نەزەرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلىرى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ئەينى ۋاقىتلاردا، قېزىۋېلىنغان ئىسكىلىتلارغا ئوخشىغان بەزى پاكىتلارنى ساختىلاشتۇرۇشتىنمۇ ئەيمەنمىگەن ئىدى.»

مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى «سېر ئارتېر» ئېيتقاندەك، بۇ نەزەرىيىنى رەت قىلىش دېگەنلىك ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلانغان خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇش دېگەنلىكتىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئالىملىرى چېركاۋ ھاكىمىيىتىگە باش ئېگىشتىن كۆرە دارۋىن نەزەرىيىسىنى، گەرچە ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، قوبۇل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى. بىراق ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان چېركاۋ ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مانا ئەمدى، چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغان دارۋىن نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ نوقۇل نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغانسېرى، خۇسۇسەن فىزىكا ۋە بىئولوگىيە ئىلىملىرىدە زور ئىلگىرىلەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغانلىقى كۈندىن-كۈنگە ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.

تولۇق بەت