پەيلاسوپ سوقرات: «ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش پەزىلەتتۇر»

مۇتەپەككۇرلار كىشىلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن قايىل بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ چوڭ بىر پەن ۋە ئالاھىدە چوڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى «ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنىك «كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟» ناملىق ئەسىرىنىڭ «سوقراتنىڭ قايىل قىلىش ئۇسۇلى» دېگەن بابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش مۇمكىن بولغان بەزى ماھارەتلەردىن مەھرۇم ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرۈشكە ئۇرۇنمىغان بۇ ماھارەتنىڭ تېگىدە كىشىلەرنى سىلىقلىق بىلەن ئۆز رايىغا كۆندۈرۈشنىڭ سىرلىرى ياتماقتا.

دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ سوقرات بۇ ماۋزۇدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
بىرىنچىسى: كىشىلەرنىڭ خاتالىقىغا ئۇلارنى«خاتالاشتىڭىز» دېمەستىن تۈزىتىش بېرىش. بىراۋ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە «خاتالاشتىڭىز» دېسە، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ياخشى بولمايدۇ، چوقۇم راھەتسىز بولىسىز، بۇ سۆز سىزگە ئۇرۇلغان مۇشتتىنمۇ قاتتىق تېگىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئىنسان تەبىئىتى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، سىز قارشى تەرەپكە «سىز خاتالاشتىڭىز» دېگەن سۆزنى ئوچۇقلا ئېيتقىنىڭىزدا ئۇنىڭدىن نېمىنى كۈتمەكچىسىز؟ تەبىئىيكى، ئۇنىڭدىن ئىجابىي قوبۇلنى ئالالمايسىز. چۈنكى مۇنداق سۆز، ئۇنىڭ تۈكىنى تەتۈرگە ئۆرۈپ قويىدۇ ۋە ئۇنى خاتالىقتا چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. يەنە سىز «بىراۋغا بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى قەتئىي قىلماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى مۇنداق دېيىش «سىزدىن مەن ئەقىللىق مەن، سىز بىلمىگەن نەرسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن» دېگەنلىك بولۇپ، قارشى تەرەپنى راھەتسىز قىلىدىغان سەلبىي ئۇسلۇبتۇر. ئىش بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجىرالار چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى، سىز كىشىلەرنىڭ رايىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتەلمەيسىز، پەقەت چىرايلىق قايىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەنلا ئۆزگەرتەلەيسىز. ئىنسان شۇنداق مەۋجۇداتكى، ئۆزىدىكى ھەر قانداق بىر ئادەت ياكى كەمچىلىكنى بەزىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما ئىنسان باشقىلار تەرىپىدىن خاتالاشتۇرۇلغاندا ياكى «سىز خاتالىشىۋاتىسىز» دېيىلگەندە، ئۇنىڭ ئۆز رايىدا چىڭ تۇرۇش كۈچى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە تېخىمۇ مەھكەم تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا پەيلاسوپلاردىن بىرى ئوغلىغا: «باشقىلاردىن كۆپ ھېكمەتلىك بول، بىراق ئۆزۈڭنىڭ ھېكمەتلىك ئىكەنلىكىڭنى باشقىلارغا ئېيتما» دېگەن ئىكەن.

ئىككىنچىسى: قارشى تەرەپنىڭ خاتا پىكرىگە چىرايلىق ئۇسلۇب بىلەن تۈزىتىش بېرىىش. بىراۋ سىزگە خاتا بىر پىكىرنى ئېيتسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئېيتماڭ. بەلكى «ياخشى، ئۇنداقتا مېنىڭمۇ بىر پىكرىم بار، بەلكى خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن، قېنى ئېيتىپ باقاي، خاتا بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىز، چۈنكى مەن كۆپرەك خاتالىشىپ قالىمەن» دەپ سۆز باشلاڭ. مۇنداق قىلىش بىر سېھىر بولۇپ، ئۇنىڭ سېھىر كۈچى بىلەن قارشى تەرىپىڭىزدىكى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىردىنلا ئۆزىڭىزگە قارىتىۋالالايسىز. نەتىجىدە، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يۈزىنى قىزارتماستىنلا تونۇپ يېتىپ، سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى ۋە باشقىچە پىكرىڭىزنى ئۆزلۈكىدىن قايىللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرىقى جۈملىدىكى«مەن كۆپرەك خاتالىشىپ قالىمەن» دېگەن سۆز ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىنى خۇددى چىراغدەك پارلىتىشقا ۋە ئۇنى قايىل قىلىشقا يېتەرلىك. ئەكسىچە، «سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا ئەمەس» ياكى«مەن توغرىسىنى ئېيتىپ بېرەي»دېگەنگە ئوخشىغان ئىبارىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ سەلبىي سۆزلەر بولۇپ، ئىجابىي نەتىجە بېرىشتىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر. چۈنكى مۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپ سىزنىڭ توغرا پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ.

ئۈچىنچىسى: خاتالىقنى دادىل ئېتىراپ قىلىش. سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھامان قارشى تەرەپتىكىسى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزگە بولغان كۆز قاراشلار سەلبىيلىكتىن ئىجابىيلىققا دەرھال ئۆزگىرىدۇ-دە، قارشى تەرەپ سىزنى تەقدىرلىگۈسى كېلىدۇ ۋە سىزگە قايىل بولىدۇ. بەلكى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ خاتالاشقان تەرەپلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ تاشلايدۇ. چۈنكى «ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش پەزىلەتتۇر» دەيدىغان ھېكمەت بار. سىز خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەنسىز، بارلىق مۇنازىرىلەر، تالاش-تارتىشلار ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالغان ۋە سىزگە قارشى بۆلەنگەن چىشلار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەم بالىسى چوقۇم خاتالىشىدۇ. مەسىلە خاتالىشىشتا ئەمەس، بەلكى خاتالىقنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا. خاتالىق ئېتىراپ قىلىنغان ئىكەن، مەسىلە ھەل بولدى دېگەن گەپ.

تولۇق بەت