خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشتە قەھەتچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى گۇمان قوزغىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ 22-كۈنى دۇنياغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىپ، خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش ساھەسىنى قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھەممىدىن كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان بىر جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزەتچىلەر تەرىپىدىن خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر جاي بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان ئىدى، ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە تارماقلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەم ئورگىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيىلىرىدە ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا ئورگان يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلماقتا. بەزى ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا.

«ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» خىتايدا 1984-يىلى بەلگىلىنىپ يولغا قويۇلغان ئىدى. مەزكۇر بەلگىلىمە، خىتاي ئالىي سوتى، يۇقىرى ئەدلىيە تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە قاتارلىق كۆپ تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن، گەرچە بۇ يول ئارقىلىق خىتاي مېدىتسىنا ساھەسىدە ئورگان ئىشلىتىشتە كەڭ مەنبەگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياندا خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ پۇلدار بىمارلارغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق غايەت زور پايدا تېپىۋاتقانلىقى،بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىككە يات قىلمىشنىڭ مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق يارىتىۋاتقانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا گەرچە 2007-يىلىدىن باشلاپ ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەپ، ئىئانە تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ يەنىلا ئىچكى ئەزا يەنى ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ئەڭ روناق تاپقان دۆلەت بولۇشتەك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىش ياسىمىدى.

خىتاي مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جېيفۇ بۇ يىل 22-مارت كۈنى «جۇڭگو 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىنورمال ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى تۈرلۈك ئوپېراتسىيىلەردە ئادەم ئورگىنى ۋە پۈتۈن بەدەن قېنىنى كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بىمارلار بىر يېرىم مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورگان ئالماشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغانلار 10مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، 150 نەپەر ئورگان كۆچۈرۈش ئېھتىياجى بار بىمارغا بىر ئورگان نىسبىتى بويىچە توغرا كېلىدىكەن. خىتاي قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئوخشاشلا خىتايدىكى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى ئورگان ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بىمارلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يولى «پەقەت ئىئانە قىلىش» دەپ كۆرسىتىپ، خىتايدا خەلقنىڭ ئۆز ئورگان ياكى جەسىتىنى ئىئانە قىلىپ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئۈستۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئۆلكە ۋە شەھەردە سەھىيە، خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرى بىرلىكتە بۇ يىل مارتتىن باشلاپ «ئادەم ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىش يېشىل كارىدورى» قۇرۇش پىلانىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا باشلىغان.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مەتبۇئاتلىرىدا خەلقنى ئورگان ۋە جەسەت ئىئانە قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان تەشۋىقات خەۋەر ھەم ماقالىلىرى كۆپلەپ بېسىلماقتا. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە 23-مارت خەۋىرىدە «ئورگان ئىئانە قىلىشنىڭ تەس بولۇشى، ئورگان كۆچۈرۈشتىكى قىسىنچىلىق ئىدى» دەپ كۆرسەتتى ۋە نۆۋەتتە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئورگان ۋە جەسەت ئىئانە قىلغۇچىلارغا قانۇنىي كاپالەت بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ئاسانلاشتۇرغانلىقى يېزىلغان.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەرىي ۋۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
‏-خىتاي دۇنيادا مەھبۇسلارنىڭ جەسەت ۋە ئورگانلىرىنى قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق ئىشلىتىپ، سېتىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر ھاكىمىيەت. خىتاينىڭ بەش يىل ئەمەس 50 يىلدىمۇ بۇ خىل ئورگان كۆچۈرۈشتە كىشىلەرنىڭ ئىئانە قىلىشقا تايىنىشنى ئاساس قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن. خىتاي يەنىلا ئۆلۈم جازاسى ھەممىدىن كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان دۆلەت، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ بۇ ساھەدە ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، يەنىلا جىنايەتچىلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئورگانلىرىنى قانۇنسىز بۇلاشقا مەجبۇر شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ، ئورگان ياكى جەسەت ئىئانە قىلىش ساھەسىدە ئىلگىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە خىتاي تېخى ئۇزاق يول يۈرۈشكە مەجبۇر.

خەرىي ۋۇ ئەپەندى يەنە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدەك سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىلىۋاتقان جاينىڭ ئەلۋەتتە خىتايدا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولغان، جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇشىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ قىلمىش توختىتىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ ئۆزى بېسىۋالغان شۇنداقلا قاتتىق سىياسەت ئارقىلىق كونترول قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىدا 9-ئاپرېل بۇ ھەقتە يەنە «ئادەم ئورگىنى تەقدىم قىلىش تەستە ئىلگىرىلەۋاتقان مېھىر-شەپقەت» دەپ تېما قويغان بىر ماقالە ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلى مېدىتسىنا ساھەسىنىڭ داۋالاش تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئادەم ئورگانلىرى ۋە جەسەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئەمما ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئازلىقى سەۋەبلىك بۇنىڭدا چوڭ بوشلۇق بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى «ئادەم ئورگىنى ئىسكىلاتى»، «كۆز مۈڭگۈز پەردە ئىسكىلاتى» قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن جەمئىيەتنى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئورگان ۋە جەسەت ئىئانە قىلىشتا ئاكتىپ بىر ئىلغار كەيپىيات يارىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا ھازىر ئۈرۈمچىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، قىزىل كرېست ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئىئانە قىلىش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقان مېدىتسىنا پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مېدىتسىنا ساھەسىدە ئورگان ياكى جەسەت يېتىشمەي قالدى دېگىنىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇنى پەقەت ئىلگىرىكى جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر سەپسەتە دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلىدىغانلىرى ئاساسىدا ئېچىپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت